2017-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئالتۇن باھاسىنىڭ تەۋرىنىىشى

zumrat 2017-07-05 16:38:05

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، چاۋشيەن ۋەزىيىتى تەسىرىدىن كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىگەن، بىراق يەنىلا دۈشەنبە كۈنىدىكى چۈشۈش ھالىتىدىن چىقالمىغان. بۈگۈن بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىنىغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈردى، كۆپلىگەن ئورگان ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قوللانغان ئۆسۈم قوشۇش ئەندىزىسى تەسىرىدىن ، ئالتۇن باھاسى كېيىنكى يېرىم يىلدا تېخىمۇ زور بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىغان.

بېيجىڭ ۋاقتى 7-ئاينىڭ6-كۈنى پەيشەنبە سەھەر 02:00دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 6-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر يىغىن خاتىرىسىدە ئۆسۈم قوشۇشنى تەشەببۇس قىلسا، دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ 1210دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن.

يەر شارى مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش شىركىتى (State Street Global Advisors)نىڭ ئالتۇن تەھلىلچىسى Robin Tsuiكۆرسەتمىسىدە،2017-يىلى كېيىنكى يېرىم يىلدا ئالتۇن باھاسى 1150-1350دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئالتۇن باھاسىغا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار بولسا پاي چېكى بازىرى، دوللار ۋە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپى ئەھۋالى قاتارلىلار.

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.