ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ مۇناسىۋىتى

gulbostan 2017-04-21 13:08:31

ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئالتۇن

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالتۇن بازىرىغا نىسبەتەن تەسىرى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپتىن بولۇپ، بىرى ئامېرىكا دوللىرى خەلقئارا ئالتۇن بازىرىدا ئۆلچەم پۇل ھېسابلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەت پەيدا بولغان. ناۋادا ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆزگەرمىسە، ئامېرىكا دوللىرى چۈشسە، ئۇ ۋاقىتتا ئالتۇننىڭ باھاسىدا ئۆسۈش كۆرۈلىدۇ. يەنە بىرى ئالتۇن بولسا ئامېرىكا دوللىرى بايلىقىنىڭ ۋاكالەتلىك مەبلەغ سېلىش قورالى. ئەمەلىيەتتە 2005-يىلدىن ئىلگىرىكى يىللاردا، ئالتۇن باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولسا ئامېرىكا دوللىرى ئۈزلۈكسىز ئۈچ يىل چۈشۈپ كەتكەن. 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى تارىخى سانلىق مەلۇمات سىتاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇن %80 تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان.

ئادەتتە كىشلەر ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشىنى ئانالىز قىلىدىغان قورال بولسا ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى بولسا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلقئارا پىرۋوت بازىرىدىكى پېرىۋوت ئەھۋالىنى ئۇنۋېرسال ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر ئۆلچەم، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر قىسىم پۇللارغا قارىتا پىرىۋوت ئۆزگىرىشىنىڭ دەرىجىسى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىكىتىلگەن پۇللارغا نىسبەتەن ئۇنۋېرسال ئۆزگىرىش نىسبىتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىق دەرىجىسى، ئامېرىكىنىڭ ئېكىسپورت رىقابەت كۈچى ۋە ئىمپورت تەننەرخىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاستىلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ناۋادا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشسە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا مۇھىم پۇللارغا نىسبەتەن باھاسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ھېسابلاش پىرىنسىپى بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا مىقدارىنى ھېسابلاش ئاساس قىلىنغان، ئېغىرلىق ۋەزىن شەكىلىدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، 100 نومۇر كۈچلۈك ئاجىزلىق ئۆلچەم سىزىقى قىلىپ بېكىتىلگەن.

1999-يىلى1-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋرو بازارغا چىققاندىن كىيىن، ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغان، ئەسلىدىكى بىكىتىلگەن ئون دۆلەتتىن ئالتە دۆلەتكە كېمەيتىلگەن، ياۋرومۇ بىر مۇھىم، ئېغىرلىق ۋەزنى چوڭ بولغان پۇل، بازاردا ئىگەللىگەن ھوقۇق نىسبىتى 57.6 % بولغان، شۇ سەۋەبتىن ياۋرونىڭ تەۋرىنىشى ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقىغا نىسبەتەن تەسىرى ناھايىتى چوڭ.ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېغىرلىق ۋەزىنىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم پۇللارنىڭ بازاردا ئىگەللىگەن ھوقۇق نىسبىتى ياۋرو 57.6 % ياپونىيە يىنى 13.6 % فوندستېرلىڭ 11.9 % كانادا دوللىرى 9.1 % شىۋىتسىيە فىرانىكى 4.2 % شىۋىتسارىيە فىرانىكى 3.6 % ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى بولسا 1973- يىلى 3- ئايدا ئالتە خىل پۇلغا نىسبەتەن پىرىۋوت ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا نىسبەتەن ھېسابلانغان. 100.00 نومۇر ئاساسى ئۆلچەم ئۆلچەش قىممىتى. 105.5 لىك باھا 1973-يىلى 3-ئايدىن بۇيان 5.50 % ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 1973-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە ئاساس ئۆلچەم ئۆلچەش قىممىتى ئۆسۈپ 165 لىك نۇقتىدىن ئۆتكەن، ھەم 80 لىك نۇقتىدىنمۇ چۈشۈپ باققان.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.