نەق مال ئالتۇن سودىسى بىلەن قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ پەرقى

gulbostan 2017-04-21 13:16:25

نەق مال ئالتۇن سودىسى بىلەن قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ پەرقى

سودا مىخانىزىمى
قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى: قۇرۇق مال سودىسى قىلىش مىخانىزىمى بار، قوش يۆنىلىشتە سودا قىلىپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. T+0 سودا تۈزۈمى بار. شۇ كۈندە كۆپ قېتىم مال ئېلىپ مالنى قولدىن چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما ھېساب ئۈزۈش كۈنى بولىدۇ، قەرەلى توشقاندا چوقۇم ھېساب ئۈزۈش كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا مال مەجبۇرىي قولدىن چىقىرىلىدۇ ياكى ھېساب ئۈزۈلىدۇ. ئوخشاشلا كاپالەت سوممىسى يىتىشمىگەن ۋاقىتتىمۇ مال مەجبۇرىي قولدىن چىقىرىلىدۇ.

نەق مال ئالتۇن سودىسى: قۇرۇق مال سودىسى مىخانىزىمى بار، قوش يۆنىلىشتە سودا قىلىپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. T+0 سودا تۈزۈمى بار. شۇ كۈندە كۆپ قېتىم مال ئېلىپ مالنى قولدىن چىقارغىلى بولىدۇ، ھېساب ئۈزۈش مۆھلىتى يوق، چەكسىز ۋاقىت ساقلىسا بولىدۇ. ئەمما كاپالەت سوممىسى يېتىشمىسە مال مەجبۇرىي قولدىن چىقىرىلىدۇ.

مال ئېلىش

سودا مەبلىغى
قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى: كاپالەت سوممىسى بىلەن سودا قىلغىلى بولىدۇ. %10 لىك مەبلەغ بىلەن 100% لىك سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەبلەغ 10 ھەسسە چوڭىيىدۇ.

نەق مال ئالتۇن سودىسى: كاپالەت سوممىسى بىلەن سودا قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى ئالتۇن شىركەتلىرىنىڭ پىشاڭ ھەسسىلىنىش نىسبىتى ئوخشاشماسلىق پەرقى مەۋجۇت، ئەمما كۆپ قىسىمدا %1 لىك مەبلەغ بىلەن %100 لىك سودا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەبلەغ 100 ھەسسە چوڭىيىدۇ، ھەسسىلىنىش نىسبىتى قول مەشغۇلاتى ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ، مەسىلەن، بىر قول مال 100 ئۇنسىيە، بەزى سودا سۇپىسىدا 0.1 قول مال سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

مالنى قولدىن چىقىرىش

سودا قىلىش ۋاقتى
قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى: سودا قىلىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 9:00-11:30 گىچە، چۈشتىن كېيىن 1:30-30 بولىدۇ. سودا قىلىش ۋاقتى قىسقا ۋە خەلقئارالىق باھا يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئەمەس، سەكرەپ كېتىش ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار بازار ئەھۋالىغا قاراپ بازار ئېچىلغاندىكى دەسلەپكى ۋاقىتتا بازارغا كىرسە بولمايدۇ.

نەق مال ئالتۇن سودىسى: ۋاقىت پەرقى مۇناسىۋىتى تۈپەيدىلىدىن، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى 8:00 دىن شەنبە كۈنى ئەتىگەن 3:00 كىچە سودا قىلغىلى بولىدۇ. يەنى پۈتۈن كۈن سودا قىلغىلى بولىدۇ، بازار ئەھۋالىغا قاراپ ھەرقانداق ۋاقىت بۆلىكىدە بازارغا كىرگىلى بولىدۇ. باھانىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى قەرەللىك مال ئالتۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇنىڭدا سودا ئەڭ جانلىق بولغان ۋاقىت بۆلىكى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ ۋاقتى 8:00-24:00 كىچە بولىدۇ.

سەكرەپ كىتىش ھادىسىسى

ئۆسۈش ئامپىلتۇدىسى چېكى
قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى: قەرەللىك مالنىڭ تۈرى ئوخشىمىغاسلىقىغا ئاساسەن ئۆسۈپ چۈشۈش تاختىسى %3~%15 ئەتراپىدا بولىدۇ.

نەق مال ئالتۇن سودىسى: ئۆسۈش ئامپۇلتۇدىسى چەكسىزلىككە ئىگە.

ھېساب ئېچىش چېكى
قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى: باشلىنىش 50 مىڭدىن تۆۋەن بولمايدۇ.

نەق مال ئالتۇن سودىسى: ئادەتتە سودا سۇپىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھېساب ئېچىلىدۇ، ھېساب ئېچىش سوممىسى 5000 ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ، توختامنى بۇزغاندا 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ، بەزى سودا سۇپىلىرىدا 1000 ئامېرىكا دوللىرى بىلەنمۇ ھېساب ئاچقىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.