يېلىن بۇ قېتىمقى يىغىندا زادى نېمىلەرنى بايان قىلدى؟

rabigul 2017-01-13 11:09:22

\

بۈگۈن سەھەر سائەت 8:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى، نۇتۇقتا پۇل سىياسىتى ياكى ئىقتىسادىي ئەھۋال تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى جاۋاب بەرگەن سوئال ئىچىدە يەنىلا مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار بار.

يېلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسىتىنى تۈزۈش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىگە بولغان ئەمگەك كۈچى ئىقتىسادىي سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل مۇئامىلە بازىرىنى يۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتى، تۆۋەن ھەم مۇقىم بولغان پۇل پاخاللىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئۆسۈم نىسبىتى مەسىلىسى توغرىسىدا، يېلىن ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قەرز ئالغۇچى ۋە پۇل ئامانەت قويغۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا چېكىنىشكە ئەگىشىدۇ، لېكىن چۈشىنىشكە موھتاج، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قەرز بەرگۈچى بىلەن قەرز ئالغۇچىسى، ھەرىكەتچانلىقى كەمچىل بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۈلۈك سېتىۋېلىش پىلانى ئۇزاق مۇددەتلىك پايدا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

ئەمما ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا، يېلىن يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، ئەمگەك كۈچى بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچلۈك، ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۈچىيىپ، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىدى، گەرچە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2 لىك نىشاننىڭ ئاستىدا تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇ نىشانغا ئىنتايىن يېقىنلاشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىدا زور توسالغۇ پەيدا بولمايدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك توسالغۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە باراۋەر ئەمەسلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلىرى توغرىسىدا، يېلىن مۇنداق دېدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى باشقا دۆلەتنىڭ مەركىزىي بانكىسى بىلەن پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق پىكىر ئالماشتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتى دۇنيا بازىرىدا ئېشىپ كېتىش ئېففېكتى پەيدا قىلدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.