ئىتالىيەنىڭ ئۇمۇمغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ياپۇنىيە يېنىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆرلىتىۋىتىشى مۇمكى

hasiyat 2016-11-30 18:04:16

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى،ئىلكان تورى تەرجىمىسى ،ياپۇنىيە يېىنى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش رېكورتىنى ياراتقاندىن كېيىن،بىر قسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئەسلىدىنلا ياپۇنىيە يېىنىدىن ۋاز كچىشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ،لېكىن نۆۋەتتە ،ھەپتە ئاخىرى ئىتالىيەنىڭ ئۇمۇمىغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ،ياپۇنىيە يېىنى قايتىدىن ئۆرلەش ئۈمۈد تۇغۇلدى،چۈنكى مۇشۇ قېتىمقى ئۇمۇمغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى بەلكىم قايتىدىن خەتەردىن ساقلىنىش مۈلىكى بولغان ياپۇنىيە يېىنىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆرلىتىۋىتىدىكەن.

مورگان بانكىسىنىڭ ، توكيودا تۇرۇشلۇق ياپونىيە بازار تەتقىقات باشقۇرغۇچىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى :ئەگەر 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئۇمۇمغا ئاۋاز قۇشۇش پائالىيىتى ئىتالىيە ئاساسي قانۇنىنى ئۆزگەرتىپ رەتلەش تەدبىرىنى رەت قىلسا،ئۇنداقتا باشقا دۆلەتلەر دۇچ كېلىدىغان ياۋرودىن چېكىنىش بېسىمى بازارنىڭ پەرزىنى ئۆرلىتىۋىتىدىكەن،بۇنىڭ تەسىرىدە ياپۇنىيە يېنىگە پايدىلىق ئېلىپ كېلىىشى مۇمكىن ئىكەن.

تېرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن،ياپۇنىيە يېنى پېرۋوت نىسبىتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى،بۇنىڭ بىلەن ياپۇنىيە يېنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئچىدىكى ئىپادىسى ئەڭ ناچار بىرسى بۇلۇپ قالغان.

رېسونا بانكىسىنىڭ ( Bank Ltd . ) باش بازار ئىقتىسادشۇناسى مۇنداق دېدى": ئىتالىيەنىڭ ئۇمۇمغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى بولسا دوللارنىڭ ئۇزۇنغىچە ئۆسۈش ھالىتىنى سىنايدىغان ئالدىنقى مۇھىم سىناق بۇلۇپ قالىدۇ.بازار ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا كەلگەندە،مەبلەغ سالغۇچىلار دائىم پايدا ئېلىشقا پۇرسەت ئىزدەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاسىتىدا ،خەۋپىتىن ساقلىنىش كەيپىاتى بەلكىم ئۇزاق داۋاملىشالماسلىقى مۇمكىن".

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.