خەلق پۇلى ئارلىق باھاسى 300 نۇقتىغا يېقىنلاشتى

sayibjamal 2016-05-31 18:48:29

\

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئېشىشى بىلەن بازار يەنە خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىگە دىققەت قىلدى. بىراق، ئالدىنقى ئىككى قېتىم بىر قەدەر چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلق پۇلى ئارلىق باھاسىنى بېكىتىش تۈزۈمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە پۇلنىڭ خاتا تەقسىملىنىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى كارخانىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ ھەممىسىدە ناھايتى كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىش بولدى. قىسقا مەزگىللىك خەلق پۇلىدا يەنىلا مۇئەييەن چۈشۈش بوشلۇقى بار بولدى، بىراق ھەممىسى مۆلچەردىكى دائىرىدە يۈرگۈزۈلدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە چارشەنبە كۈنى خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئالماشتۇرۇلۇش ئارلىق باھاسى 225 نۇقتىغا چۈشۈپ، 2011-يىلى 3-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتتى. دۈشەنبە كۈنى خەلق پۇلى يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ 300 نۇقتىغا يېقىنلىشىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا يەتتى. بىراق بازار يەنىلا تىنچ ھالەتتە بولدى، چۈنكى ئارلىق باھا باھا بەلگىلەش تۈزۈلمىسىگە ئاساسەن، كېچە تۇرۇپ قالغان دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى، خەلق پۇلى پىرۋوت نىسبىتى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئالدىنقى كۈندىكى خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا ئالماشتۇرۇلۇش بازار يېپىلىش باھاسى ئارقىلىق، ئىككىنچى كۈندىكى ئارلق باھانىڭ دائىرسىنى ئاساسي جەھەتتىن ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.