تەمىنلەش قىس بولسا كۈمۈش باھاسى ئۆسەمدۇ؟

karima 2016-05-31 18:22:25

\

5-ئاي بولسا كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن چۈشكەن بىر ئاي بولۇپ،بازار ئاساسەن 4-ئايدىكى ئۆسۈش دائىرسىنى قايتۇرۋالدى، 5- ئاينىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۈمۈش ئاساس يۈزىدە ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىش بولدى، يېقىنقى مەزگىلدە كۈمۈش ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۈمۈش بىلەن تەمىنلەش ئېھتىمال قىس بولۇشى مۇمكىن، بۇ كۈمۈش بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياخشى خەۋەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۈمۈش بازىرىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار قىزىقىشى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان.
كۈمۈش كان كارخانا پايچېكى ETF دىن، JuniorSilverETF(SILJ) نىڭ سودا مىقدارى يىللىق نىسبىتى بىر ئاز ئاشقان، ھەمدە ئېقىپ كىرگەن، بۇ كۈمۈش تەمىنلەش بېسىمىنىڭ يەنە بىر قەدەم كۈچىيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەھلىلچىلەر كۆرسەتمە بېرىپ، ئەگەر مەنفى ئۆسۈم نىسبىتى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، قىممەتلىك مېتاللارنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشىدۇ، ھەمدە ئەگەر ئىقتىساد مۇقىمسىزلىق ۋەزىيىتى داۋاملاشسا، ئۇنداقتا قىممەتلىك مېتاللارمۇ پايدىغا ئېرىشىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.