فوندستېرلىڭ / دوللار يەنە بىر قېتىم خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كەلدى

rabigul 2016-02-06 12:17:42

\

تۈنۈگۈن فوندستېرلىڭ يەنە بىر قېتىم تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ئۇچرىغان بولۇپ،، ئاساسلىقى ئەتىگەندە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپا رايونىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى فوندستېرلىڭغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى %45 ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قوللايدۇ، ئەمما پەقەت %36 ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قىلىشنى خالايدۇ. شۇ سەۋەبتىن فوندستېرلىڭ / دوللار تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1.4507 ئەتىراپىغا يېقىنلاشتى، نۆۋەتتە بۇ نۇقتىنىڭ يۇقىرىسىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ.

تېخنىكا جەھەتتىن قارىغاندا، 4 سائەتلىك گرافىكتا، پېرېۋوت باھاسى يەنىلا 20 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىق ۋە 200 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ يۇقىرى تەرىپىدە تۇرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخنىكا كۆرسەتكۈچى يۇقىرىغا ئۆرلەش يۈزلىنىش ھالىتىنى ساقلىدى.

قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بازار نۆۋەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ساغلاملىق ھالىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا غەيرى-يېزا ئىگلىك دوكلاتى بازار يۆنىلىشىگە يېتەكچى بولغان. فوندستېرلىڭ / دوللار يۇقىرى تەرەپتە 1.4560 دىكى بۆسۈش نۇقتىسىغا ئۇچرايدۇ، ئەگەر بۇ توسالغۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتسە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ 1.4610 ۋە 1.1660 ئەتىراپىغا چىقىدۇ. تۆۋەنكى تەرەپتە 1.1500 دىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كېتەلىسە، 1.4445 ۋە 1.4400 ئەتىراپىغا تۆۋەنلەيدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.