شىنجاڭ نۇرغۇن بۆرە تېرىسىنى قولغا چۈشۈردى

guzalnur 2016-02-06 12:07:34

\

2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى تايكەشكىن چېگرا ئېغىزى زور كۆلەمدىكى ھايۋانات تېرىسىنى ئەتكەس قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى. چېگرا ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفىتسېر ئەسكەرلەر تەكشۈرۈش جەريانىدا، تەكشۈرۈش يولىنىڭ سىرتىغا دۆۋىلەنگەن 6 يۈك ساندۇقىدىن غەلىتە پۇراق تارقىلىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ھەمدە دەرھال يۈكلەرنى تەكشۈرۈپ، ئىچىدە زور مىقداردا ئەتكەس بۆرە تېرىسى بارلىقىنى بايقىغان. ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوفىتسېر ئەسكەرلەر تېزلىكتە نەق مەيداننى پېچەتلەپ، مۇناسىۋەتلىك گۇماندارلارنى كونترول قىلغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا 6 تۇياق بۆرە، 148 پارچە بۆرە تېرىسى، 255 دانە بۆرە ئوشۇقى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇن ئىچكى ئەزالىرى قولغا چۈشۈرۈلدى، مۆلچەرلىنىشىچە دېلوغا چېتىلىدىغان سومما 1 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يېتىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.