2-ئاينىڭ 2-كۈندىكى ياۋرو \ دوللار يۆنىلىشىگە بولغان تەھلىل

rabigul 2016-02-02 11:35:00

\

تۇنۇگۈن ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ناچار چىقىشى ھەمدە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، ياۋروغا تىرەش كۈچى بولدى.

FXStreet باش تەھلىلچىسى Valeria Bednarik مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ياۋرو \ دوللار 1.0912 غىچە يۇقىرى ئۆرلەپ بىر كۈن ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، چۈنكى نېفىت باھاسى لوندون بازىرى ئېچىلغاندىن بۇيان بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى، شۇنداقلا ئامېرىكا بازىرى ئاخىرلىششىدا 31 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى. گەرچە نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ياۋرو يەنىلا يېتەرلىك يۇقىرى ئۆرلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئېرىشەلمىدى، شۇنداقلا يۇقىرى نۇقتىسى يەنە بىر قېتىم بېسىمغا ئۇچراپ، ئارقىدىنلا 1.0900 غىچە تۆۋەنلەپ كەتتى. 4 سائەتلىك گىرافىكتىن قارىغاندا، پېرېۋوت باھاسى ئوتتۇرچە سىزىقتىن سەل يۇقىرىغا يۆتكىلىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ تەكشى سىزىق يەنىلا تەكشى ياكى قىسقىراش دائىرىسىنى ساقلاپ قالدى.

تۆۋەنلەش يۆنىلىشىدە، دەسلەپكى تىرەش نۇقتىسى 1.0845 ، كېيىنكى تىرەش نۇقتىسى 1.0810 ، ئەگەر بۇ نۇقتىدىنمۇ چۈشۈپ كەتسە 1.7070 ئەتىراپىغا تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.