ئۆسۈم ئۆستۈرۈشتىن ئىلگىرى دوللار يۆنىلىشىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن

rabigul 2015-09-09 11:14:23

\

تۈنۈگۈن دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ يۆنىلىشى بىردەك بولمىدى، پاي چېكى بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە گېرمانىيە ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ كۈچلۈك بولىشى تۈرتكىسىدە دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش تاكتىكىسى ئازايدى؛ سودىگەرلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، دوللار يۆنىلىشىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولماسلىقى مۇمكىن. ياۋروپا بازىرىدا، دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ فوند ستېرلىڭ باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلىدى، ئەمما ياۋرونى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت نىسبىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.ياۋروپا بازىرىدا دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەشنى ئاساس قىلىپ تەۋرەندى، ھەم ياۋروپا بازىرى ئاخىرلىششىدا 0.15% تۆۋەنلىدى. تۈنۈگۈن جۇڭگو تەرەپ ئېلان قىلغان ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ناچار چىقىشى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا پاي چېكى چوڭ دائىرىدە %2 ئەتىراپىدا يۇقىرى ئۆرلىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.