تاشقى پېرېۋوت سودىسىغا ئەسكەرتىش

rabigul 2015-09-09 10:35:39

\

9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاسىيا ۋاقتىدا، ئاۋسترالىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان ئۆي قەرز بېرىش ئىجازىتى سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدۇ.

ياۋروپا ۋاقتىدا، ئەنگلىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ قارارىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

نىيورىك ۋاقتىدا، كانادانىڭ ئۆي بازىرى سانلىق مەلۇماتى ۋە كانادا مەركىزى بانكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ئېلان قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە بازار ئومۇميۈزلۈك كانادا مەركىزى بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %0.5 تىن ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارىدى، ئەگەر ئۆسۈم نىسبىتى ئۆزگەرمىسە كانادا دوللىرى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.