سانلىق مەلۇماتلار دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى

parida 2018-05-18 14:18:05

\

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق زايوم پايدا نىسبىتى داۋاملىق ئۆسۈپ %3.10 دىن ئاشتى، 2011-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى؛ ئىككى يىللىق دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى 2008-يىلىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى؛ 30 يىللىق دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى بولسا 2015-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقتى. زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشى دوللارنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋرۇ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئاجىز بولۇشىمۇ دوللار ئۈچۈن پايدىلىق بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئەمگەك مېنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى ئېشىپ 222 مىڭغا يەتكەن، مۆلچەردىكى 215 مىڭدىن يۇقىرى بولغان؛ 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە ئىشسىزلىق پۇلىنى داۋاملىق ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى 170 مىڭ 700 گە چۈشكەن، بۇ ئەسلىدە 178 مىڭغا يېتىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. گەرچە 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سانى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا 1973-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا. 5-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا، دوللار داۋاملىق ئۆسۈپ 5 ئاي ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. نۆۋەتتە بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 2018-يىلى يەنە ئىككى قېتىم ئۆسۈم قوشىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى. 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %100 گە يەتتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.