ئالتۇن باھاسى بۇ نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتسە 1200 دوللارغا چۈشىدۇ

parida 2018-05-18 14:20:44

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۈمە كۈنى (5-ئاينىڭ 18-كۈنى) ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇن باھاسى بۇ ھەپتىدە 200 كۈنلۈك ئوتتۇرا سىزىقتىن چۈشۈپ كەتكەن ھەمدە بۇيىل تۇنجى قېتىم 1300 دوللاردىن چۈشۈپ كەتتى.
ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق زايوم پايدا نىسبىتى ھەمدە دوللارنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشى قىممەتلىك مېتاللارغا بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلەتتى، ئالتۇن باھاسى بۇيىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى. تەھلىلچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى تۆۋەنلەش نۇقتىسى 1200 دوللار.
نيۇيورك بازىرىدا 6-ئايلىق قەرەللىك ئالتۇننىڭ باھاسى پەيشەنبە كۈنى %0.2 چۈشۈپ 1289.40 دوللارغا چۈشتى. BK مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ تاشقى پېرۋوت تاكتىكىچىسىBoris Schlossberg مۇنداق دەپ قارىدى: ئالتۇن باھاسى تېخى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشمىدى، ئالتۇننىڭ يۆنىلىشى ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى ئۆرلىسە، ئالتۇننىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. ئامېرىكا 10 يىللىق دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم %3 لىك سەۋىيەنى بۆسۈپ ئۆتتى. نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىردىنبىر ئامىل جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت، ئەگەر بۇخىل سىياسىي ۋەزىيەت يامانلاشسا، ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن، ئۇنداق بولمىغاندا ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1200 دوللارغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان 19 نەپەر تەھلىلچى ۋە سودا خادىمىنىڭ ئىچىدە، ئۈچى (%16) ئالتۇن باھاسى ئۆسىدۇ دەپ قارىدى، يەتتىسى (%37) ئالتۇن باھاسى چۈشىدۇ دەپ قارىدى، توققۇزى(%47) ئالتۇن باھاسى نورمال ھالەتنى ساقلايدۇ دەپ قارىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.