دوللار توختىماي ئۆرلەپ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقنى يۇقىرى كۆتۈردى

rabigul 2018-04-25 17:54:52

\

4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، دوللار توختىماي يۇقىرى ئۆرلەپ، 3 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى، چۈنكى 10 يىل قەرەلدىكى ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى 2014-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. دوللارنىڭ قايتا ئۆرلىشى تەسىرىدە، دوللاردىن باشقا پۇللار بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى.

ئالدىنقى بىر ھەپتە دوللار توختىماي ئۆرلىدى، چۈنكى ئامېرىكا سودا توقۇنۇش ئەندىشىسى پەسىيىپ، بازارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا دوللىرىغا پايدىلىق ئاساسىي يۈزگە قايتىپ كەلدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېدېراتسىيە فوندى ئۆسۈم نىسبىتى قەرەللىك مال باھاسى بۇ ئايدا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.

پېڭبو چارشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى زىيارىتىدە مۇنداق دېدى، بۇ ئايدا ئويلىمىغان يەردىن دوللارنىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك بولدى، ئەگەر بۇ خىل يۈزلىنىش ئىزچىل داۋاملاشسا، پاي چېكى، تاشقى پېرېۋوت ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بازىرىنىڭ ئورتاق تونۇشتىكى سودا قۇرۇلمىسىغا زور خەۋپ - خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.