ئامېرىكا سۈرىيەگە ھەربى ھەرىكەت قوللىنشى مۇمكىن

rabigul 2018-04-11 16:57:22

\

چارشەنبە (4-ئاينىڭ11-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دوللار داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى، ياپونىيە يىنى، ئالتۇن ئۆرلىدى، گەرچە بازار ۋاقىتلىق ھالدا سودا ئۇرۇشى پارتىلاش ئەندىشىسىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر خىرىسنى كۈتۈۋالدى-- ئامېرىكا بەلكىم سۈرىيەگە قارىتا ھەربى ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىن! بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتنى قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈردى، بۈگۈن كەچتە ئامېرىكا CPI سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسى ئىلان قىلىنىدۇ.
ئاقساراي باياناتچىسى ساندىس سەيشەنبە كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىندا مۇنداق بىلدۈردى، تىرامىپ 8-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنى ۋە كولۇمبىيە زىيارىتىنى بىكار قىلدى. تىرامىپ دۆلەت ئىچىدە قىلىپ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە ئىنكاس قايتۇرماقچى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ يىغىنغا قاتناشماسلىقى، ھەمدە سىرتقى دۇنيانىڭ ئامېرىكا ناھايىتى تىزلا ھەربى ھەركەت قوللىنىدۇ دېگەن گۇماننى قوزغىدى.
ئالتۇن تەرەپتە، يىڭى زايوم پادىشاھى دەپ نامى بار DoubleLine Capital نىڭ قۇرغۇچىسى Jeffrey Gundlach ئەڭ يىڭى دوكلاتىدا ھەرقايسى مۈلۈكلەرنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا ئانالىز ئىلىپ بەردى، دوللار ۋە ئالتۇن توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دىدى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى چۈشىدۇ، ئەمما ئالتۇننىڭ مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.