زۇڭلى لى كېچياڭ: ئالاقە تورىنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈشكە بولمايدۇ

parida 2018-04-11 18:27:13

\

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى يېپىلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3-قەۋەتتىكى زالىدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىن ئىككى سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان بولۇپ، 15 نەپەر مۇخبىر سۇئال سورىدى، لى كېچياڭ ناھايىتى كەسكىن سۆز-ئىبارىلەر بىلەن مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
جۇڭگونىڭ ئىلگىرى بىرقىسىم سۇغۇرتا پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تەدبىر قوللانغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سۇئالغا لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن قاچىدىغان قىلمىشلارمۇ كۆرۈلگەن، «خاتالىقنى جەزمەن بوينىغا ئېلىش كېرەك». شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.
لى كېچياڭ ئالاقە تورى ۋە ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئىقتىساد ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ كېمە بىرقانچە يىل ئىچىدە بىخەتەر ھالدا يىراققا يۈرەلەيدۇ دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل-دۇنيا پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇلقۇنىدا، جۇڭگونىڭ «ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ يەلكەن» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقارغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالاقە تورى بىر يېڭى ئۇقۇم بولغاچقا، ئۇنداق ياكى مۇنداق مەسىلىلەر كۆرۈلۈشى تەبىئىي، شۇڭا بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە پايدىلىق تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، پايدىسىز تەرەپلىرىنى تۈزىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتە. ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ كۆز بويامچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئالاقە تورىنىڭ نامىغا داغ تەككۈزۈشكە بولمايدۇ. ئىلگىرى ئالاقە تورى كارخانىلىرى چەتئەل بازىرىغا كۆپرەك كىرەتتى، ھازىر بىز ئالاقىدار تارماقلاردىن مەزكۇر كەسىپنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىغا كىرىش تەدبىرىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق، ھەرقايسى ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قايتىشىنى قارشى ئالىمىز.
بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بەش يىلدىن بۇيان، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن قېلىپلىشىپ تەرەققىي قىلىشقىچە، خەۋپ-خەتەردىن ھۇشيار بولۇشتىن ساغلام تەرەققىي قىلىپ تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇشقىچە بولغان جەرياندا، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
ئەلئارا قەرز شەكلىنىڭ بىر تۈرى بولغان P2P كەسپى نۇرغۇن ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ بانكىدىن قەرز ئېلىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، P2P كەسپى قەرز ۋاستىچى ھالقىسىنى قىسقارتتى، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردى، پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى جانلاندۇردى. P2P كەسپى دۆلىتىمىزدىكى مىكرو تىپلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، شۇڭا P2P كەسپى ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلە ئۇقۇمىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە سېڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، P2P كەسپى بانكا قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ روياپقا چىقاردى، مىكرو تىپلىق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.
نۆۋەتتە ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ P2P كەسپى بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدىغان بولۇپ، بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىلەن سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرى P2P كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلىشىدۇ. ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئالاقە تورى دەۋرىدە، ئالاقە تورى پۇل-مۇئامىلىسى ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتدارلىق پۇل-مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى بىر چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ. دۆلەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن كەسىپنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ قېلىپلىشىپ پۈتۈنلەي يېڭىچە بىر دەۋىرنى كۈتۈۋالىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.