ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشۈشىدىكى ئىككى چوڭ سەۋەب

parida 2017-08-17 17:04:55

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا فېدېراتىسيە كومىتېتى 7-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنى خاتىرىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئاجىز بولۇشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرىدى، بۇ فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كۈتۈلمىگەندە ئىككى مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتىنى تارقىتىۋەتتى. بۇ ئىككى مۇھىم خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، ئالتۇن قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللارنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرلىدى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) تىۋېتىردا، ئامېرىكا ياسىمىچىلىق كەسپى كومىتېتى بىلەن ئىستراتېگىيە ۋە سىياسەت مۇنبىرىنى تارقىتىۋىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىككى مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى بىر قىسىم چوڭ بايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى مەسلىھەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تىرامپنىڭ سايلام ۋاقتىدا بەرگەن ۋەدىسىنى بولۇپمۇ باج ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تەۋرىتىپ قويدى، بۇ ئېنىقكى ئامېرىكا دوللىرى ئۈچۈن پايدىسىز.

(FED) يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دوللار بىلەن يىن، ياۋرۇ، شۋىتسارىيە فرانكى ۋە باشقا بىر قاتار پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. 10 يىللىق دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ %2.22 تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، دوللار كۆرسەتكۈچى زور نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، ICE دوللار كۆرسەتكۈچى يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 93.50 نۇقتىغا چۈشتى، نيۇيورك پايچەك بازىرىدا دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ 93.44 نۇقتىغا چۈشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.