پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولدى

parida 2017-08-17 17:27:32

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنى خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1283.90 دوللارغا چىقتى، دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 94 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى. فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىغىن خاتىرىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدەك بولمىغاچقا، كومىتېت ئەمەلدارلىرى 2017-يىللىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى. فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەمەلدارلىرى پۇل پاخاللىقىنىڭ %2 دىن تۆۋەن بولۇش ۋاقتى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدۇ قارىدى. بېلەت تاشلاش ھوقۇقى بار ئەمەلدارلار پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاستا بولۇشىدىن ئەنسىرىدى ھەمدە مال باھاسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلدى، فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەمەلدارلىرى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا ئېشىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان پۇل سىياسىتى يىغىنى خاتىرىسىنىڭ مەزمونى «مۆتىدىل» بولغاچقا، بۇ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولدى، ئالتۇن باھاسى قايتا 1280 دوللارلىق نۇقتىغا چىقتى، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسىدىغانلىقىنى، قىسقا مەزگىل ئىچىدە 1300 دوللارلىق چوڭ ئۆتكەلگە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.