قىسقا خەۋەرلەر

parida 2017-08-10 18:57:14

\

خۇيتۇڭ تورى: ياۋرۇ بىلەن نورۋېگىيە كروناسىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 9.3236 نۇقتىغا چۈشتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى نورۋېگىيە CPI سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى؛
رېيتېر ئاگېنتلىقى: ئېران 9-ئايدا ئاسىيا خېرىدارلىرىغا تەمىنلەيدىغان يىنىك خام نېفىتنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بىر تۇتاش باھاسى ئومان ۋە دۇبەيدىن 0.02 دوللار يۇقىرى بولىدىكەن؛
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى يېقىنقى بەش كۈندىكى يۇقىرى باھا 49.80 دوللارغا چىقتى، كۈندىلىك ئۆسۈش نىسبىتى %0.5 گە يەتتى؛
خۇيتۇڭ تورى: دوللار بىلەن شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىدى، بۈگۈنكى يېڭى يۇقىرى نۇقتا 0.9667 غا چىقتى؛ ئەگەر ئامېرىكا چاۋشيەن ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشمىسا، پېرېۋوت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن؛ نۆۋەتتە ئۈستۈنكى قارشىلىق كۈچى نۇقتىسى 0.97 ئەتراپىدا؛
رېيتېر ئاگېنتلىقى: بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:30 دە، ئەنگىلىيە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ئاجىز بولسا، فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 1.2950 نۇقتىغا تۆۋەنلىشى مۇمكىن؛
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا دوللىرى بىلەن كانادا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش يۆنىلىشى ئۆزگەرمىدى، يەنى 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 1.2726 غا چىقتى؛ بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە يەنە ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرى ئاز نىسبەتتە يۇقىرىلىغاچقا ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشى خەۋپ-خەتەر مۈلكى (مەسىلەن كانادا دوللىرى) غا بېسىم ئېلىپ كەلگەچكە، پېرېۋوت باھاسى يېقىنقى مەزگىلدە داۋاملىق ئۆرلىدى؛
خۇيتۇڭ تورى: برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 53 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى، 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 53.14 دوللارغا چىقتى، كۈندىلىك ئۆسۈش نىسبىتى %0.85 گە يەتتى؛
خۇيتۇڭ تورى: فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئىككى سودا كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 1.2966 غا چۈشتى؛
خۇيتۇڭ تورى: شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىنلىشىپ، نەق ئالتۇن باھاسى 1280 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 1280.58 دوللارغا چىقتى، كۈن ئىچىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى %0.26 گە يەتتى؛
خۇيتۇڭ تورى: ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، يېڭى تۆۋەن نۇقتا 1.1724 غا چۈشتى؛
خۇيتۇڭ تورى: نەق كۈمۈش باھاسى 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 17.07 دوللارغا چىقتى، كۈن ئىچىدىكى ئۆسۈش نىسبىتى %0.73 گە يەتتى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.