ئامېرىكا چاۋشەن ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىيلەشتى

ilkan_yasinjan 2017-08-10 18:54:06

ئامېرىكا چاۋشەن ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىيلەشتى، ئالتۇن باھاسى ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى باھانى يېڭىلىدى.


\


FX168 مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى(شياڭگاڭ) خەۋىرى چاۋشيەننىڭ جىددىي ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلاشتى ، بۇ خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇردى، پەيشەنبە كۈنى(8-ئاينىڭ10-كۈنى) ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆسۈپ، بىراقلا ئىككى ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى باھانى كۆرسەتتى.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامىپ (Donald Trump)بۇ ھەپتە بالدۇرلا ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر ئامېرىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلسە چاۋشەن غەزەپ ئوتى بىلەن زەربە بېرىشكە ئۇچرايدۇ دېدى، بىراق چاۋشەن تەرەپ پەيشەنبە كۈنى ترامپنى كۆزگە ئىلماي ئاگاھلاندۇرۇپ: گۇگام ئارىلىنىڭ تىنىچ ئوكيانغا يېقىن ئەتىراپىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش تەپسىلىي پىلانى تۈزۋاتقانلىقىنى قىسقىچە بايان قىلدى.

ئالتۇن سودا مەركىزى GoldSilver Central نىڭ سىنگاپور باش دىرېكتورى Brian Lanنىڭ ئېيتىشىچە ، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى مەلۇم دەرىجىدە مۇقىملاشتى، لېكىن بازار يەنىلا تېخىمۇ كۆپ خەۋەرنى كۈتۈۋالدى.

Lan نىڭ دېيىشىچە؛ بۇ قېتىمقى چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكا پوزىتسىيىسى بەك قاتتىق، بۇ جۇغراپىيلىك سىياسىينىڭ خەۋپ - خەتىرى يۇقىرىلىتىپ ئالتۇن قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش مۈلۈك ئېھتىياجنى ئاشۇردى.

پەيشەنبە كۈنى بېجىڭ ۋاقتى14:29 ، ئالتۇن باھاسى %0.14 ئۆسۈپ 1278 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى، بىر ئازىدىن كېيىن بىر ئۆرلەپلا 1279.64 دوللار ئەتىراپىدا بۇلۇپ 6-ئاينىڭ14-كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى.

\

ئامېرىكا چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت پەيدا قىلغان خەۋپ - خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش كەيپىياتى پەسىيىشكە باشلىدى ، پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا پاي بازىرىنىڭ ئىپادىسى مۇقىم ، ئامېرىكىدا زايۇمنىڭ باھاسى ئازراق چۈشتى .

INTL FCStoneتەھلىلچىسىEdward Mei مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆستى ، بەلكىم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 1300 دوللاردىكى باھانى بۆسۈپ ئۆتۈشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

\


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.