دوللار چۈشۈشتىن توختاپ، ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن مۇقىملاشتى

hasiyat 2016-11-29 13:06:01

\

11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، ئالتۇن ئالدىنقى كۈنى %0.9 ئۆرلىگەندىن كىيىن ھازىر مۇقىملاشتى، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى نەچچە كۈندىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىدىن يىراقلاشقاندىن كىيىن، دوللار چۈشۈشتىن توختىدى.
نەق مال ئالتۇن ئاساسەن 1194.11دوللار\ئۇنسىيە بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئالتۇن %0.9 ئۆسۈپ، يۇقىرى نۇقتا 1197.54 غا يەتكەن .
ئامېرىكا قەرەللىك ئالتۇن باھاسى %0.3 ئۆرلەپ 1193.90دوللار\ئۇنسىيەگە يەتتى
ICE دوللار كۆرسەتكۈچى بازاردا %0.21 چۈشۈپ 101.12 گە كەلگەن.
خەلقئارا زايوم بازىرىنىڭ يىقىندىكى چۈشۈش ۋەزىيىتىتىن مۇقىم ھالەتكە قايتىشىغا ئەگىشىپ، دوللار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دىمىنى ئېلىۋالدى، يەر شارى پاي چېكى بازىرى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئىتالىيە ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشتىن ئىلگىرى ياۋرۇپادا سىياسىي خەتەر قايتىدىن باش كۆتۈرگەن.
ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى Mario Draghi 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بىلدۈرىىشىچە،نۆۋەتتە ياۋرۇغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەر ئىقتىسادنىڭ سۈرئىتى ئېشىپ ماغدۇرىدىن كەتكەن، ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى دىققەت مەركىزىنىڭ يەنىلا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى كېلەر ھەپتە پۇل سىياسىتى يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان.
ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگىلىيە ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدە مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش قارارى ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ پايدىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى ساقلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئامېرىكا تاۋار نەق مال سودا كومېتىتىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاكى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگە قەدەر كىرىشتۈرمە فوند ۋە پۇل دېرىكتورى ئۇلارنىڭ COMEX ئالتۇن ۋە كۈمۈش توختامىدىكى ئۆسۈش مېلىنى كېمەيتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.