خەلق پۇل قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قىممەت مىتاللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئوتتۇرىسىدا راستىنلا ب

hasiyat 2016-11-24 19:04:27

\

يېقىندىن بېرى خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا بولغان ئوبۇروت قىممىتى بارغانسىرى چۈشتى، يەنە بىر تەرەپتىن قىممەت مىتاللارنىڭ باھاسى خىلى چوڭ دائىرىدە ئۆرلىدى، ئۇنداقتا بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟
ئەمىلىيەتتە، ئالتۇن باھاسى ئامېرىكىنىڭ يىڭى سايلانغان زۇڭتۇڭىنىڭ زور قىممەتتىكى مالىيە چىقىمى پىلانى ئېلان قىلىنىشتن بۇرۇنلا ئۆرلىگەن، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەلۇم نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جوڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈش خەتىرىنىڭ كىلىش مەنبەسى ئىكەن.A
خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا سۇندۇرۇش باھاسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى 6.90 يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، باھاسى 6.9085 يۈەن بولغان، بۇ ئالدىنقى كۈندىكى 6.8904 يۈەندىن 181 نۇقتا چۈشۈپ، يىقىنقى سەككىز يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى ياراتقان، تەھلىلچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئامېرىكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى كۈچەيتكەن، دوللار كۆرسەتكۈچىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن 14 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا كۆتۈرۈلۈپ، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن.
11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى ئاىسيا ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى قىممەت مېتاللار زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، لوندوننىڭ مىس باھاسى %3.1 ئۆرلەپ، 5.916 دوللار\ھەرتونناغا يەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.