رۇسىيەنىڭ كۆپ مىقداردا ئالتۇن سېتىۋىلىشى نېمە ئۈچۈن؟

karima 2016-11-24 17:59:19

\

رۇسىيە مەركىزى بانكىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئالتۇن زاپىسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئايدا رۇسىيە 1 مىليۇن 400 مىڭ ئۇنسىيە (تەخمىنەن48 توننا) ئالتۇننى كۆپەيتكەن، بۇ 20 يىلدىن بۇيانقى سېتىۋېلىنغان ئالتۇن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر ئاي بولغان. رۇسىيە نېمە ئۈچۈن 10-ئايدا ئۇنچە كۆپ ئالتۇننى كۆپەيتىدۇ؟

بۇنىڭدا ئىككى خىل ئېھتىماللىق بار.

1. 11-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى

رۇسىيە ئەگەر ھىلارىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سايلىنىپ قالسا، رۇسىيە- ئامېرىكا ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. رۇسىيە دوللارنى چىقىرىپ، ئالتۇننى كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت سىتىراتىگىيە ئارقىلىق، ئامېرىكا - رۇسىيە ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا كۆرسىتىدىغان خەتىرىدىن ساقلىنىشنى ئويلىغان.

2. زايوم بازىرىنىڭ خەتىرى

نۆۋەتتە زايومنىڭ باھاسى ناھايىتى چۈشمەكتە، لېكىن رۇسىيەنىڭ قولىدا كۆپ مىقداردا زايوم بار، رۇسىيە كۆپ مىقداردا ئالتۇن سېتىۋىلىش ئارقىلىق، زايۇم باھاسىنىڭ چۈشۈش خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلىغان.

مۇشۇ سەۋەبلەردىن، رۇسىيە بانكىسىنىڭ 11-ئايدىكى ئالتۇن زاپاس مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئالتۇن ۋە پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا بولغان پوزىتسىيەنى ئىپادىلەيدىكەن.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.