بانكىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويىدىغانلار بولمىسا، بانكا ۋەيران بولامدۇ؟

parida 2019-03-11 15:39:13

\


بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇش ئىزچىل ھالدا، جۇڭگو ئاھاللىرىنىڭ ئەڭ ئۇمۇملاشقان ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا ئايلىنىپ كەلگەن. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشغا ئەگىشىپ، بانكىلارنىڭ مالىيە باشقۇرۇش كۈچى بارغانسېرى ناچارلاشماقتا، ئىلگىرى ئۇ بىر چوڭ ھۆكۈمران بولغان بولسا، ھازىر باشقىلار بىلەن تاماق بۆلۈشۈپ يەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. قىسىقىسى، بارغانسېرى كۆپ ئادەملەر بانكىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى، بىرسى، ئېرىشىدىغان پايدىسى تۆۋەن، ئىككىنچىسى،پۇقرالارنىڭ ئارتۇق پۇلى يوق. بۇنىڭدىن، كەلگۈسىدە بانكىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويىدىغان ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بانكىغا پۇل ئامانەت قويۇشقا بارمىسا، بانكا ۋەيران بولامدۇ؟

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بانكا ۋەيران بولغان تەقدىردىمۇ باشقا پۇل مۇئامىلە خەۋپ–خەتىرى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولىدۇ، ھەرگىزمۇ كۆپچىلىكنىڭ بانكىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويۇشنى خالىمىغانلىق سەۋەبىدىن ئەمەس.

كۆپچىلىك بىلىشى كېرەك، بانكىلارنىڭ پۇل تېپىشى بولسا، ئاھالىلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىشقا تايىنىدۇ، ئاندىن باشقىلارغا پۇل قەرز بېرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆسۈم پەرقى ئارقىلىق كىرىمگە ئېرىشىدۇ.

مەسىلەن ئېيتايلى،بانكىغا قويغان بىر يىللىق قەرەللىك پۇل ئامانەتنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %2.25 بولۇپ، بىر يىللىق قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %5.06 گە يېتىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، كۆپچىلىك پۇلنى بانكىغا ئامانەتكە قويمىسىمۇ، سودا بانكىسىنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان مەبلەغ مەنبەسى بار، مەسىلەن، مەركىزىي بانكا پۇلدار كارخانا قاتارلىقلاردىن پۇل قەرز ئېلىش ياكى زايوم تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، يەنە بىر قىسىم مەبلەغ چوقۇم بانكىدا ساقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك، مەسىلەن بانكىنىڭ چوقۇم ئۈچ تەرەپ نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان مەبلىغى بولۇشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، گەرچە ھېچكىم بانكىغا بېرىپ پۇل قويمىسىمۇ، پۇل ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بانكىغا ئېقىپ كىرىدۇ. قالدۇقدان ئىچىدىكى پۇلمۇ، ئوخشاشلا بانكىغا ئېقىپ كىرىدۇ، بانكا ئۆزى پەقەت كۆپرەك ئۆسۈم تۆلەيدۇ خالاس.

يەنە كېلىپ ئالىدىغان پايدا پەقەت بانكىنىڭ بىر قىسم كىرىمى، يەنە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ يىللىق ھەققى، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈش، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ھەرخىل چىقىملار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بانكىنىڭ مۇھىم پايدىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىرى بانكا ئۆزىمۇ فوند قاتارلىقلارغا مەبلەع سالىدۇ، بۇلاردىن بانكا ياخشى پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

ئىشقىلىپ، بىز جۇڭگونىڭ بانكىلىرى ئۇنداق ئاسان ۋەيران بولمايدۇ، ياخشى يۈرۈشەلمىسە، يەنە كېلىپ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەتنىڭ قوتقۇزىۋېلىشغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا ئەگەر بانكىغا بېرىپ پۇل ئامانەت قويمىسىمۇ، بانكا يەنىلا ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.