2019-يىللىق ئالىي مەكتەپلەردىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى 3-ئايدا باشلىندىكەن

parida 2019-03-11 16:01:55

\


تىيانشان تورى خەۋىرى:3- ئايدىن باشلاپ، ئون نەچچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدا مۇھىم ۋاستىلىك رولىنى ئوينايدىكەن.

بۇ قېتىملىق ئالىي مەكتەپلەردىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىكەن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كومىتېتى، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر كونكرېت ئۈستىگە ئالدىكەن.

ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى شىنجاڭ داشۆسى، شىخەنزە داشۆسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى، شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى قاتارلىق 26 ئالىي مەكتەپتە قانات يايدۇرۇلدىكەن.

بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى باشلىنىپ، 4- ئاينىڭ 27- كۈنى ئاياغلىشىدىكەن. ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىنىڭ ۋاقتى ۋە مەيدان سانىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرسا بولدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتى بىر تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قايسى مەكتەپلەر ياكى خىزمەتچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن ھەق يىغىشقا بولمايدىكەن. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى كۆرۈپ پايدىلانسا بولدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.