بۇ ھەپتىدە بازارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان «خەۋپ-خەتەر»لەر كۆپ

parida 2018-04-23 16:11:13

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇ ھەپتە پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئالدىراش بىر ھەپتە بولۇپ، خەۋپ-خەتەرلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى مۇمكىن. مەركىزىي بانكا جەھەتتىن، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكسىى ۋە ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، ئامېرىكىنىڭ GDP نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇھىم ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ياۋرۇ رايونىنىڭ مۇھىم ئىقتىساد كۆرسەتكۈچلىرى ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت جەھەتتە، كورىيە-چاۋشيەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىمۇ مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ھەپتىدە ئالتۇن، تاشقى پېرۋوت ۋە نېفىت بازىرىنىڭ يۆنىلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دۈشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 23-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، ICE دوللار كۆرسەتكۈچى ئاز نىسبەتتە يۇقىرىلاپ 90.40 نۇقتىغا چىقتى، ئالدىنقى ھەپتىدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن %1 ئۆرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە يىنى، ئالتۇن قاتارلىق خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلۈكلىرى بېسىمغا ئۇچرىدى. ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى جۇڭگونى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتىپ، خەۋپسىزلىك مۈلۈكلىرىگە بولغان ئېھتىياجنى تۆۋەنلەتتى. داڭلىق تاشقى پېرۋوت تور بېكىتى FXStreet نىڭ تەھلىلچىسى Omkar Godbole دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ICE دوللار كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى يۇقىرى نۇقتا 90.47 دىن ئازىراق تۆۋەنلىدى، ئەمما 10 يىللىق ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتىنىڭ %3 لىك چوڭ ئۆتكەلگە يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنىمۇ يۇقىرىلىشى مۇمكىن.
ئاسىيا بازىرىدا دۈشەنبە كۈنى، 10 يىللىق ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى بىردىنلا يۇقىرىلاپ %2.98 لىك يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، 2014-يىلى 1-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم %3 لىك سەۋىيىنى ياراتتى. Nomura Securities ئاكسىيەسىنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق تاشقى پېرۋوت تەتقىقاتچىسى Yunosuke Ikeda مۇنداق دەپ قارىدى: زايوم بازىرىنىڭ ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا دوللار داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا سودا جەھەتتە تېخىمۇ جانلىق مەيدانىنى ئىپادىلىسە، ئۇنداقتا بۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشى ھەمدە خەۋپ-خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىش ئىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
Omkar Godbole مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر دوللار كۆرسەتكۈچى 90.60 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىيالىسا، يەنىمۇ يۇقىرىلاپ 90.94 ياكى 91.00 لىق قارشىلىق كۈچى نۇقتىسىغا چىقىشى مۇمكىن. Mizuho Securities نىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق تاشقى پېرۋوت تاكتىكا مەسئۇلى Kengo Suzuki مۇنداق دەپ قارىدى: كىم جۇڭئېن يادرو سىنىقىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بازارنىڭ خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى ياخشىلاندى، بۇخىل ئەھۋالدا دوللار بىلەن يىننىڭ پېرۋوت نىسبىتى بۇ ھەپتىدە 109 نۇقتا ئەتراپىدىكى قارشىلىق كۈچى نۇقتىسىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ چوڭ سىناقلار ھەپتە ئاخىرىغا مەزكەزلەشكەن بولۇپ، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى ھەمدە ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتى يىغىنى ئاچىدۇ، ئامېرىكىنىڭ GDP سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە كورىيە-چاۋشيەن باشلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر يىغىندا چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ۋەدە بەرسە، بازارنىڭ خەۋپ-خەتەر كەيپىياتى يەنىمۇ پەسىيىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.