ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلدى

parida 2018-03-23 12:18:09

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ بازارنىڭ مۆلچەرىگە ئۇيغۇن بولدى. ئەمما مەركىزىي بانكىنىڭ McCafferty ۋە sanders قاتارلىق ئىككى نەپەر ئەمەلدارى كۈتۈلمىگەندە ئۆسۈم قوشۇشقا بېلەت تاشلىدى. ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە نۆۋەتتىكى پۇل سىياسىتىنى چېڭىتىش تەدبىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنى قايتىدىن نىشانغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۈمە كۈنى (3-ئاينىڭ 23-كۈنى) Danske Bank بانكىسىنىڭ تاشقى پېرۋوت تەتقىقات كوللېكتىپى ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارى ۋە يىغىن خاتىرىسىنىڭ مەزمونى توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك تەھلىل يۈرگۈزدى:
بىز يەنىلا ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ 5-ئايدا ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىغا شۇنداقلا يەنە 11-ئايدا يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 2-ئايلىق يىغىندا مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدەك، ئەنگىلىيە مەركىزىي بانكىسى بىرخىل قانۇنىيەتلىك ئۆسۈم قوشۇش دەۋرىنى قوزغاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن، بازار بۇيىل ئۆسۈمگە تەخمىنەن 42 نۇقتا قوشۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارىدى. گەرچە باشقا جەھەتلەردە يەنى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش ئۆتكۈنچى كېلىشىمى توغرىسىدا ئاكتىپ خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما قسىقا مەزگىل ئىچىدە ياۋرۇ بىلەن فوندستېرلىڭنىڭ پېرۋوت نىسبىتى يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، كەلگۈسى ئۈچ ئايدا پېرۋوت نىسبىتى 0.87 نۇقتىلىق سەۋىيىنى ساقلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.