ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئاساسىي قاتلامدا «جۇڭيى تېبابىتى مەركىزى»دىن 120نى قۇرىدۇ

parida 2018-03-23 12:39:10

\

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيىچە، مىللىيچە تېبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسىي قاتلاملاردا «جۇڭيى تېبابىتى مەركىزى»دىن 120نى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئەلا جۇڭيى تېبابىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيىچە، مىللىيچە تېبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شىنجيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيىچە، مىللىيچە تېبابەت دورا ساغلاملىق مۇلازىمىتى <13-بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىلانى» قاتارلىق كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ تارقاتتى. ئاساسىي قاتلامدىكى جۇڭيىچە داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 120 ئاھالىلەر رايونى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا-بازار شىپاخانىلىرىنىڭ جۇڭيىچە داۋالاش رايونى (جۇڭيى تېبابىتى مەركىزى) قۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ. بۇ ساراينىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭيى تېبابىتى ۋە دورىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى دائىم كۆرۈلىدىغان ۋە داۋاملىق كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتىكى رولى، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.
جاۋ شىنجيەن يەنە مۇنداق دەپ ئەھۋال تونۇشتۇردى: جۇڭيى تېبابىتى مۇلازىمىتى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا موھتاج. يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭيىچە، مىللىيچە تېبابەت بويىچە ئون داڭلىق دوختۇرنى باھالاپ چىقتى. مەملىكەت بويىچە باھالاشتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بىر دوختۇر «دۆلەت تېبابىتى پېشۋاسى» شەرىپىگە، تۆت دوختۇر «مەملىكەت بويىچە جۇڭيى تېبابىتىدىكى داڭلىق دوختۇر» شەرىپىگە ئېرىشتى. 2016-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىلاردىكى جۇڭيى تېبابىتى كەسپىي ئۇنۋانىغا (ياردەمچى) ئېرىشكەن دوختۇر 7700دىن ئاشتى.
يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى جۇڭيى تېبابىتى ۋە دورىسى سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 345 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى. 2016-يىلىغىچە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى جۇڭيى دوختۇرخانىسى 28گە، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى 42گە، قازاق تېبابەت دوختۇرخانىسى بەشكە، موڭغۇل تېبابەت دوختۇرخانىسى بەشكە يەتتى. 506 ئاھالىلەر رايونى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا-بازار شىپاخانىلىرىدا جۇڭيىچە داۋالاش رايونى (جۇڭيى تېبابىتى سارىيى) قۇرۇلۇپ، %86.36 ئاھالىلەر رايونى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، %77.7 يېزا-بازارلىق شىپاخانا، %69.8 ئاھالىلەر رايونى سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتى ۋە %45.6 كەنت ئامبۇلاتورىيەسى جۇڭيى تېبابىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.