بۇ ھەپتىدە ئىككى چوڭ «ۋەھىمىلىك سانلىق مەلۇمات» ئېلان قىلىنىدۇ

parida 2018-03-12 15:14:22

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ھەپتە بىرقاتار دەرىجىدىن تاشقىرى سانلىق مەلۇماتلار يەنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ تاموژنا بېجىنى ئىمزالىشى، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتى يىغىنىدا مۈلۈك سېتىۋىلىش پىلانىنى تىلغا ئېلىشى، ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدىكى پەۋقۇلئاددە ياخشىلىنىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئىش-ۋەقەلەر پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتكەن ئىدى. بۇ ھەپتىدە ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنىدۇ، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال مال باھا كۆرسەتكۈچى CPI ۋە ئامېرىكا پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىككى چوڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى» سانلىق مەلۇمات پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىدىن باشقا، ياۋرۇپانىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ ھەمدە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى Mario Draghi مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق ئومۇمىي CPI يىللىق نىسبىتىنىڭ %2.2 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا %2.1 ئاشقان ئىدى. 2-ئايلىق يادرولۇق CPI يىللىق نىسبىتىنىڭ %1.8 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا %1.8 ئاشقان ئىدى. ئۆتكەن 12 ئايدا، ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق CPI يىللىق نىسبىتى %1.8 ~ %1.7 ئەتراپىدا بولۇپ، مال باھاسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆسۈشى كىشىلەرنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ بازارنىڭ مۆلچەرىدىن تېز سۈرئەتتە ئېىشىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن ئەندىشىسىنى ئىسپاتلاپ بەردى، شۇڭا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئۆسۈم ئۆستۈرۈشى مۇمكىن. سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق ئومۇمىي CPI ئايلىق نىسبىتىنىڭ %0.2 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا %0.5 ئاشقان ئىدى؛ 2-ئايلىق يادرولۇق CPI ئايلىق نىسبىتىنىڭ %0.2 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا %0.3 ئاشقان ئىدى. تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر بۇ ھەپتىدە ئېلان قىلىنىدىغان CPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى بازارنىڭ مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا بۇ دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر CPI سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى بازارنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىن.
CPI سانلىق مەلۇماتىدىن باشقا، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ نەتىجىسى بازارنىڭ تەۋرىنىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن. سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتىنىڭ %0.3 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا %0.3 ئاشقان ئىدى؛ 2-ئايلىق يادرولۇق پارچە سېتىش ئايلىق نىسبىتىنىڭ %0.4 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئالدىنقى ئايدا تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىغان ئىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.