ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى

parida 2018-03-12 14:40:28

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا دەسلەپتە داۋاملىق 1320 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى (3-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىدا گەرچە بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتى يارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستا بولۇشى بىۋاستە پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ بۇيىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلىدى، نەتىجىدە ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ V شەكىللىك تەتۈر يۆنىلىشنى شەكىللەندۈردى، ئاخىرىدا 1320 دوللاردىن ئاشتى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايلىق يىغىنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ ھەپتىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئىستىمال مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ھەمدە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتىغا دىققەت قىلماقتا، بۇ سانلىق مەلۇماتلار فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ بۇيىلقى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش قېتىم سانى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە ئالتۇن بازىرىدا چوڭ تەۋرىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستېرلىقى ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 2-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىش ئورنى 313 مىڭ ئورۇن ئاشقان بولۇپ، 2016-يىلى 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئېشىش نىسبىتىنى ياراتقان، ئەمما ئوتتۇرىچە سائەتلىك ئىش ھەققى %0.1 ئاشقان بولۇپ، 1-ئايدىكى %0.3 دىن تۆۋەن بولغان. ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بۇيىلقى تۆت قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتتى. ‌
پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئوموميۈزلۈك ھالدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 3-ئاينىڭ 21~20-كۈنلىرى ئېچىلىدىغان پۇل سىياسىتى يىغىنىدا ئۆسۈم قوشىدۇ دەپ قارىماقتا. بۇ فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋىل ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئېچىلغان تۇنجى قېتىملىق پۇل سىياسىتى يىغىنى بولۇپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلە، فېدېراتىسيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بۇيىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى داۋاملاشتۇرامدۇ-يوق، ئۆسۈم قوشۇش قېتىم سانى ئازلامدۇ ياكى يۇقىرىلامدۇ دىگەنلەردىن ئىبارەت.
بازارنىڭ ئاكسىيە ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەرگە يەتمىگەنلىكتىن، دوللار بېسىمغا ئۇچرىدى، ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىدى. نەق ئالتۇن باھاسى 1321.99 دوللار ئەتراپىدا مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى. ئەمما ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچكە، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۆۋەنلەپ ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى قىسقا مەزگىل ئىچىدە دوللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يولغا پولات-ئاليۇمىن ماتېرىياللاردىن تاموژنا بېجى ئېلىش سىياسىتىنىڭ سودا ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى ھەمدە ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى دوللارغا ئۇزۇن مەزگىللىك بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بازارنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشىگە قارىتا، ETF Securities نىڭ مەبلەغ سېلىش تاكتىكا ۋە تەتقىقات مەسئۇلى Maxwell Gold مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىممەتلىك مېتاللار ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى قارارى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن تۆكمە قىلىپ سېتىلىشى مۇمكىن، ئارقىدىن مەبلەغ سالغۇچىلار كېيىنكى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلغان ھامان ئالتۇن باھاسى ئۆرلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل-مۇئامىلە بازىرى 3-ئايدا ئۆسۈم قوشۇلىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ يىتەرسىز بولۇشى ھەمدە جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئامىلنىڭ ئېنىقسىزلىقى داۋاملىشىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتى 2018-يىلى ئۆسۈم نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرمەسلىكى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.