مەركىزىي بانكىلارنىڭ ئەڭ يېڭى پۇل سىياسىتى

parida 2018-01-22 15:35:22

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: شەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان ۋاقىتلىق چىقىم لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىدى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم قىسىمى تاقىلىپ قالدى، بۇ خەۋەردىن باشقا پۇل-مۇئامىلە بازىرى بۇ ھەپتىدە يەنە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى ۋە ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ھەپتىدىكى بازار ھەمدە ياۋرۇنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا، Barclays بانكىسىنىڭ تەھلىلچىلىرى تۆۋەندىكىدەك تەھلىل يۈرگۈزدى:
G3 دۆلەتلىرى رەھبەرلىك قىلغان دۇنيا ئىقتىسادى ماس قەدەمدە ئەسلىگە كېلىپ، يادرولۇق مەركىزىي بانكا پۇل سىياسىتىنىڭ نورماللىشىش مۆلچەرىگە ئاساس سالدى. ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ قىسمەن كۆزلىمىسى ياۋرۇنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى، يىننىڭ ئىپادىسى 2018-يىلنىڭ كېينكى يېرىمىدا كۆرۈنەرلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەپتىلىك ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسى ۋە ياپونىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىقىنى تەكىتلىشى مۇمكىن. پۇل-مۇئامىلە بازىرى نۆۋەتتە ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى جەھەتتە ئۆزگىرىش قىلىش-قىلماسلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماقتا، ئەمما ياۋرۇپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى «قاتتىق قول» پۇل سىياسىتى كۆزلىمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرىنى يولغا قويۇشى ئېھتىمالدىن يەنىلا يىراق.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.