ئالتۇن باھاسى ئوتتۇرا مەزگىللىك ھالقىلىق سەۋىيىدە تۇرۇۋاتىدۇ

parida 2018-01-22 15:19:09

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۈشەنبە كۈنى (1-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئاسىيا دەسلەپكى بازىرىدا ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ تەسىرىدە، نەق ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى، نۆۋەتتە 1334.50 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنمەكتە.
قىسمەن تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن باھاسى مۇھىم بولغان ئۆلچەملىك سەۋىيىسىگە يەنى 1355 دوللارغا يېقىنلاشقان بولۇپ، بۇ 2017-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا ئىدى. 1355 دوللار ئالتۇن باھاسىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ئۆسۈش دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم سىناق ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇشۇ يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا ئالتۇن سېتىۋالغان سودىگەرلەر ئالتۇننى سېتىۋەتكەن چاغدا ئالتۇن باھاسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، يەنى ئىلگىرىكى يۇقىرى نۇقتا قايتىدىن يېڭىلىنىدۇ. بۇ ئۆسۈش ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر باشقا سودىگەرلەر بەك چىڭ تۇرمىسا، ئۇنداقتا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى توسالغۇغا ئۇچرىشى، قۇرۇق ئۆرلەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىر مەزگىلگىچە شۇ ئارىلىقتا سودا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئەگەر ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرىلىسا، 9-ئايدىكى يۇقىرى نۇقتا 1355 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتۈشى مۇمكىن، بۇ ئوتتۇرا مەزگىللىك بازارغا پايدىلىق بولۇپ، ئىجارە ھەققى ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە ئۆسۈشى مۇمكىن. ئالتۇن بازىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىگە ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى 9-ئايدىكى يۇقىرى نۇقتىلىق ئۆتكەل ئاۋات بازارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.