شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى قانچىلىك ؟

guzalnur 2016-02-02 10:32:57

\

2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 23 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 615 مىڭ 300 ئادەم كۆپەيدى.

2-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2015-يىللىق شىنجاڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى رايونىمىزدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰15.59، ئۆلۈش نىسبىتى ‰4.51، نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى ‰11.08 بولغان.

جىنس قۇرۇلمىسى جەھەتتە، ئەرلەرنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 970 مىڭ، ئاياللارنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 630 مىڭ، ئومۇمىي نوپۇس جىنس نىسبىتى 102.92 (ئاياللارنىڭ 100) بولغان. شەھەر-يېزا قۇرۇلمىسى جەھەتتە، شەھەر-بازارلاردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 11 مىليون 150 مىڭ، يېزا-كەنتلەردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 12 مىليون 450 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، شەھەر-بازار نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇستا ئىگىلىگەن نىسبىتى %47.2 بولغان. ئۆتكەن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى %4 ئىچىدە كونترول قىلىنغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.