جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى ۋەلىئەھدىنى تەبرىكلىدى

parida 2017-06-22 17:41:20

\

يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆزىنىڭ ئىزباسارىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە 57 ياشلىق مۇھەممەد بىن نايىفىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئوغلى مۇھەممەد بىن سالماننى يېڭى ۋەلىئەھدىلىككە تەيىنلىدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى ۋەلىئەھدىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 22-ئىيۇندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ساقلىشى- رايون ۋە دۆلەتلەر شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلاردىن. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.