ئامېرىكا بانكا كەسپىدە بەش يىلدا%20 تارماق ئورگان كېمىيىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-04-25 10:47:42

\



چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 25-ئاپرىل خەۋەر قىلىشىچە، سودا ئۆي-مۈلۈك مەسلىھەتچىلىك ئورگىنى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكىلاتتا، بانكا كەسپىنىڭ بارغانسىرى سىفىرلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، مۆلچەردە ئامېرىكا بانكا كەسپىنىڭ تارماق سانى بەش يىل ئىچىدە %20 دىن ئارتۇق ئازىيىشى مۇمكىن، دېگەن.

بۇ دوكىلاتتا بانكا كەسپى تەننەرخنى كېمەيتىش يولى ئىزدەۋاتىدۇ ھەمدە خېرىدارلارنى كۆچمە بانكا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش، ئەكىسچە قايتا رىئال بانكا ئارقىلىق ئاساسىي سودىنى تاماملىماسلىققا ئىلھاملاندۇرىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ئورگان ناۋادا ئامېرىكا بانكا كەسپى تارماق سانىنى كېمەيىتسە ھەمدە بانكا تىجارەت تور نۇقتىسىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆلىمىنى 5000 كىۋادرات ئېنگىلىز چىسىدىن 3000 كىۋادرات ئېنگىلىز چىسىغىچە تۆۋەنلەتسە، ئۇنداقتا ھەريىلى تەخمىنەن 8.3 مىليارد دوللارغىچە تەننەرخنى تېجەپ قالالايدۇ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

2008-يىللىق پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ بانكا كەسپىدە تارماق ئورگانلار سانى تەخمىنەن %8 دىن ئارتۇق كېمىيىپ، ئەسلىدىكى 97مىڭدىن 90 مىڭغا چۈشۈپ قالدى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.