ئىتالىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى چوڭ تەۋرەش !

hasiyat 2016-12-05 17:18:17

\

ئىتالىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى چوڭ يەر تەۋرەش ! ئىتالىيە زۇڭلىسى رېنزى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىتراپ قىلدى ھەمدە ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئالدىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رېنزىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئاۋازغا قويۇش ئۈچۈن دوغا تىككەن. شۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە ، دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، ياۋرۇنىڭ 16 خىل ئاساسلىق پۇلغا بولغان پېرىۋوتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن ، بۇ ياۋرونىڭ دوللارغا بولغان پېرىۋوتىنىڭ 2015-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ چۈشكەن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى بولۇپ، ياپونىيە يېنى , ئالتۇن قاتارلىق خەتەردىن ساقلىنىش مۈلۈكى بەس - بەستە ئۆسكەن .
<Marketing-Piepoli> Institute نىڭ <RAI> تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈچۈن قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رېنزىنىڭ ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسى ھوقۇقىنى چەكلەش پىلانى تەخمىنەن % 59 ئامما تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. باشقا ئىككى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاز دېگەندە 10 نۇقتا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى لاگىرىغا قارشى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.