نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئالتۇن باھاسىغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟

zumrat 2016-12-05 17:29:30

\

دۈشەنبە 12-ئاينىڭ5-كۈنى ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى داۋاملىق بېسىمغا ئۇچراپ چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ ئەڭ تۆۋەن 1162دوللار ئەتراپىغا كەلگەن. ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا ئىتالىيە ئومۇمنىڭ ئاۋازغا قويۇشى مەغلۇب بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئالتۇن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 1188دوللار ئەتراپىغا چىققان. بىراق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىدە يەنىلا بېسىم شەكىللەنمەكتە.

قىممەتلىك مېتاللار ئانالىزچىسى Caiman Valores كۆرسەتمىسىدە، دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىگە پايدىسىز بولۇپ، كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئالتۇن باھاسى چۈشۈشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. Caiman Valoresيەنە، ئەگەر نېفىت باھاسى 50-55دوللارغا چىقسا، ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 750-825دوللار ئەتراپىغا چۈشۈش ئېھتىمالى بار، بۇنداق بولغاندا ئوتتۇرىچە قىممەت نىسپىلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئالتۇن باھاسى ئاز دېگەندە 1000-1100دوللار ئەتراپىغا چۈشۈشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.