ياپونىيەنىڭ تور ئېلان چىقىمى، بۇ يىل تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

parida 2019-03-29 15:48:41

\


يېقىنقى دۇنيا ئىقتىساد خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ ئېلان ئۈچۈن سەرىپ قىلغان خىراجتىنىڭ بارغانسېرى يۇقىرلاۋاتقانلىقىنى يىغىنچاقلاپ چىقارغان بولۇپ، 2018-يىللىق ياپونىيە ئېلان خىراجىتى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ تور ئېلان خىراجىتى 2017-يىلغا قارىغاندا %16.5 ئېشىپ، بىر تىرىليون 758 مىليارد 900 مىليون ياپونىيە يىنىغا يېتىپ،ئۇدا بەش يىل ئىككى خانلىق سانلىق ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە تور ئېلانى تېلېۋىزىيە ئېلانى (بىر تىرىليون 784 مىليارد 800 مىليون يىن)دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. شۇڭا تەھلىلىچىلەر سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، ياپونىيەنىڭ 2019-يىللىق تور ئېلان چىقىمىنىڭ تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە ئېلانىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

ئۆتكەن يىلى ياپونىيەنىڭ ئېلان چىقىمى %2.2 ئېشىپ، ئالتە تىرىليون 530 مىليارد يىنغا يېتىپ، ئۇدا يەتتە يىللىق ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. تېلېۋىزىيە قاتارلىق تۆت خىل ئەنئەنىۋى ئاممىۋى ئاخبارات ئېلان كىرىمى %3.3 ئازلىغان. بۇنداق ئەھۋالدا، تور ئېلانى پۈتكۈل كەسپنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئاممىۋى ئاخبارات كەسىپلىرىنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن تور ئېلان چىقىمى 58 مىليارد 200 مىليون يىنغا يەتكەن. نەشرىياتلارنىڭ رەقەملىك كەسپىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ژۇرنالغا ئالاقىدار رەقەملىك ئېلان 33 مىليارد 700 مىليون يىنغا يېتىپ يېرىمىدىن كۆپرەك قىممەتنى ئىگىلىگەن. ئىگىلىنىشچە، ئەقلىي يانفوننىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، توردا خەۋەر تور بەتلىرىنى كۆرىدىغان ئىستېمالچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.