ئىرۇسالىمغا كۆچۈرۈلگەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى «چوڭ بالا-قازا» كەلتۈرۈپ چىقاردى

parida 2018-05-15 16:42:32

\

يەرشارى تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 14-كۈنى-پەلەستىننىڭ غەززە رايونى ئۈچۈن 2014-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر كۈن بولدى. شۇ كۈنى غەززەدىن 60 ئىنگىلىز مىل كېلىدىغان ئىرۇسالىمدا، ئامېرىكىنىڭ «ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق» ئەلچىخانىسى رەسمىي ئېچىۋىتىلدى، بۇ كۈنى يەنە ئىسرائىلىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، بۇ كۈن پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن «ئاپەتلىك كۈن» بولدى. مۇقەددەس شەھەر ئىرۇسالىمنى قايتۇرۇۋىلىش-ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئىرۇسالىمغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت چېگرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش پەيدا قىلدى. توقۇنۇشتا ئاز بولغاندىمۇ 52 كىشى قازا قىلدى، 2400 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. پەلەستىن دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە غەززەدىكى «قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» قا مۇراجىئەت قىلدى.
«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 14-ماي ئىرۇسالىم شەھىرىنىڭ ئىچى ئىنتايىن جىددىي ھالەتكە كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا تۇتىشىدىغان يوللار قوراللىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق قامال قىلىنغان، شەھەر ئىچىدىمۇ چوڭ نامايىش كۆتۈرۈلگەن. بەزىلەر: «تىرامپ، بىزگە ئۇرۇش كېرەك ئەمەس»،«مۇقەددەس جاي سەن چاقچاق قىلىدىغان جاي ئەمەس» دەپ شۇئار توۋلىغان. يەنە بەزىلەر بولسا: «تىرامپقا ئامانلىق تىلەيمىز»،«ئامېرىكىنىڭ ئىرۇسالىمدا ئەلچىخانا قۇرغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز» دەپ شۇئار توۋلىغان. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانيەخۇ شۇ كۈنى سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۈگۈن بىز ئۈچۈن ئىنتايىن شەرەپلىك بىر كۈن، بۇ كۈن تارىخ سۈپىتىدە مەڭگۈ خاتىرلىنىدۇ. «ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەدىنمۇ بەكرەك ئىناق دوستلار يوق».

\

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.