چاۋشيەن ئامېرىكا زېمىنىنى « يادرو ئۇرۇش مەيدانى»غا ئايلاندۇرماقچى

parida 2017-08-09 17:05:36

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 9-كۈنى)دىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشىيەن گۇئام ئارىلى پىلانىغا زەربە بېرىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. نەچچە سائەت ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ چاۋشيەننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھەرقانداق بىر تەھدىت «غەزەپ ۋە زەربە» دىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەن ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن بازارنىڭ خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى، يىن، ئالتۇن قاتارلىق خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستى، ۋون (كورىيە پۇلى) قىسقا سىزىقى تۆۋەنلىدى.
چاۋشىيەن ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى چاۋشىيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مەزكۇر پىلان ناھايىتى تېزلىكتە كىم جۇڭئۇنغا (Kim Jong Un) غا سۇنۇلىدۇ، كىم جۇڭئۇن بۇيرۇق چۈشۈرسىلا، گۇئام ئارىلىغا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىمىز. باياناتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ « گۇئام ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئوت كۈچى بىلەن قورشاش» پىلانى بولۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت – ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغان گۇئام ئارىلى بازىسىنى توسۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئامېرىكا مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى ئۇرۇش ھەركىتىنى قوزغاپ قالسا، ئۇنداقتا چاۋشيەن ئامېرىكا زېمىنىنى «يادرو ئۇرۇشى مەيدانى» غا ئايلاندۇرىدۇ.

\

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ سەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: چاۋشىيەن ئەڭ ياخشىسى ئامېرىكىنىڭ «چىشىغا تەگمىگىنى » تۈزۈك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇلار تارىختا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان غەزەپ ئوتىغا غەرق بولىدۇ.
تىرامپنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئامېرىكا پايچېكى ئاز نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، ۋال سىترېت كوچىسى بازار خىيىم-خەتەر كەيپىياتىنى ئۆلچەش كۆرسەتكۈچى CBOE نىڭ تەۋرىنىش كۆرسەتكۈچى (VIX) بىر ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى كىچىكلىدى، خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش پۇلى بولغان يىن بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى يۇقىرىلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.