ئالتۇن باھاسى جىددىي تۈردە ئۆرلىدى

parida 2017-08-09 17:02:28

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن ئوتتۇرسىدىكى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، نەتىجىدە خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 9-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا يەنىمۇ ئۆرلىدى ھەمدە 1267.28 دوللارغا چىقتى. سەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 8-كۈنى) نيۇيورك ۋاقتىدا ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولغاچقا، بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، ئالتۇن باھاسى سودا داۋامىدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن باھا 1251.59 دوللارغا چۈشتى، ئەمما چاۋشيەن ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن ئالتۇن باھاسى 10 دوللار ئۆسۈپ، ئاخىرىدا 1260 دوللارغا چىقتى.
فرانسىيە پارىژ بانكىسى 2017-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ 1220 دوللاردىن 1245 دوللارغىچە بولىدىغانلىقىنى، 2018-يىلى ئالتۇن باھاسى ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ 1285 دوللار بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل 2-پەسىلدە مەزكۇر بانكىنىڭ ئالتۇن باھاسى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى 1-ئورۇندا تۇرغان. Walsh Trading نىڭ سودا تاقابىل تۇرۇش باش نازارتچىسى Sean Lusk نىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى 50 كۈنلۈك ۋە 100 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، ئەگەر بۇ سەۋىيىدىن چۈشۈپ كەتسە، بۇ بازارنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 1232.30 دوللارغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. Lusk يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ قارشىلىق كۈچى نۇقتىسى 1276.60 دوللار بولۇپ، ئەگەر بۇ سەۋىيىگە يېقىنلاشسا ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ ئۆرلەپ 1288.60 دوللارغا چىقىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.