تىرامپنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەنلدى

parida 2017-08-08 16:15:41

\

جۇڭگو ئاخبارات تورى 8-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سىياسىي ئاساسى ئاجىزلاشقان، ئەمما نۆۋەتتە دەم ئېلىۋاتقان تىرامپ 7-ئاۋغۇست جاكارلاپ مۇنداق دېگەن: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىمىزنىڭ سىياسىي ئاساسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك.
ئىگىلىنىشىچە، تىرامپ نۆۋەتتە يېڭى جېرسېي شىتاتىدىكى Bedminster گولف توپ ئارامگاھىدا دەم ئېلىشتا ئىكەن. ئۇ Twitter دا ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى «يالغان» دىگەن.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان دۆلەتلىك ئەل راينى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرى تىرامپنىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى 6 ئايلىق ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، تىرامپنى قوللاش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن. ئەمما تىرامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق پايچەك بازىرى تارىختىن بۇيان يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان، ئامېرىكىنىڭ چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكى كۈچەيتىلگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئاشقان، كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نىسبەتەن بوشاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىدىن بىر نەپەر يېڭى ئالىي سوت باش سودىيەسىنى تەيىنلىگەن، تىرامپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى دەپ قارىغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تىرامپنى قوللاش نىسبىتى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، باشقا ئەل رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپنى قوللاش نىسبىتى %40 دىن تۆۋەن بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.