پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلىشى مۇمكىن

parida 2017-08-08 15:14:14

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى بۇ ھەپتىدە ئوتتۇرغا چىقىدىغان پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىغا بۇرۇلدى، سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى دوللار بىلەن ئالتۇننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك يۆنىلىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغۇچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (PPI) ۋە ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) سانلىق مەلۇماتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پەيشەنبە (8-ئاينىڭ 10-كۈنى) جۈمە كۈنى (8-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئېلان قىلىنىدۇ. تەھلىلچىلەر سانلىق مەلۇماتنىڭ نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئاجىزلىشىش ئىپادىسىنىڭ ئاخىرلىشىش يىپ ئۇچى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
ئامېرىكا ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى ۋە يادرولۇق مال باھا كۆرسەتكۈچى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ %2 لىك نىشانىدىن ئاشقاندىن كېيىن، يېقىنقى نەچچە ئايدا ئوخشاشلا تۆۋەنلىدى، 7-ئايلىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى نىشانغا يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرىنىڭ تونۇش جەھەتتە يەنىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى – ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە قىسقا مەزگىل ئىچىدە پۇل پاخاللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىنى قاراڭغۇلاشتۇردى. ئەگەر يادرولۇق پۇل پاخاللىقى نىسبىتى يەنە تۆۋەنلىسە، بۇ پۇل پاخاللىقى سىياسىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
CMC Markets نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تەھلىلچىسى Colin Cieszynski نىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئەندىشىسىگە ئاساسلانغاندا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننىڭ تېخنىكا گرافىكىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. ئالتۇن باھاسى 12-ئايدىكى تۆۋەن نۇقتا ۋە 5-ئايدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتەلمىدى، ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتكۈچىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش خەتىرىنى كۈچەيتتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.