بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئەڭ ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىشى مۇمكىن

parida 2017-07-31 14:33:00

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: شىياڭگاڭ پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى يۈۋېيۋېننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا بىلدۈرۈشىچە، شىياڭگاڭ تاشقى پېرېۋوت فوندى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى مەبلەغ كىرىمى گەرچە بىر تىرلىئون 265 مىليارد شياڭگاڭ پۇلىغا يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش كوللېكتىپى ئېتھىياتچانلىق بىلەن نۆۋەتتە بازارنىڭ ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتىدا يەنىلا «ئونكول»ئامىلى مەۋجۇت، كېيىنكى يېرىم يىلدا مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى ئۆزگىرىشچان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تولۇشى مۇمكىن؛ «تاۋار شاھى» دەپ تەرىپلىنىدىغان Jim Rogers نىڭ ئەڭ يېڭى مۆلچەرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ياكى كېلەر يىلى پۈتۈن يەرشارىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ تارىختىكى پەۋقۇلئاددە بىر قېتىملىق كرىزىس بولۇشى مۇمكىن.
يۈ ۋېيۋېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەرشارى پايچەك بازىرىدا ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتى ئەۋج ئالغان بولسىمۇ، ئەمما مەبلەغ سېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇقىمسىز ئامىللار يەنىلا مەۋجۇت، يەنى نۆۋەتتە پايچەك بازىرىدا پايدا نىسبىتى تارىخىتىكى نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا يولغا قويغان ئىقتىساد تۈرتكىلىك سىياسىتى يەنىلا ئۇقۇم باسقۇچىدا؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش جەريانى ۋە جەدۋەل قىسقارتىشنىڭ قايسى ۋاقىتتا باشلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادقا بولغان تەسىرى ھەمدە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش سۆھبىتىگە چېتىلىدىغان زور سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇنىڭ خەتىرى، جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت قاتارلىقلار. ئەگەر بۇ يۇشۇرۇن خەۋپ-خەتەرلەردە كۆرۈنەرلىك ئۆرگىرىش بولسا ۋە كۈچەيسە، پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا بۇرۇلۇش بولۇشى، مۈلۈك باھاسى زور تەڭشەش بېسىمىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.