چاۋشىيەن ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى

parida 2017-07-31 13:27:45

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چاۋشىيەن ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلەشكەچكە، خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى ئاسىيا بازىرىدا دۈشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 31-كۈنى) ئەتىگەنلىك بازاردا 1270 دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا تەۋرەندى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يەنە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا، چاۋشىيەن يېرىم كېچىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بېرىپ خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتتى، نەتىجىدە ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ 1270 دوللارلىق سەۋىيەنى بۇزۇپ تاشلىدى ھەمدە ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتا 1271.10 دوللارغا چىقتى. بۇ ھەپتىدە پۇل-مۇئامىلە بازىرى بىرقاتار مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى بولۇپ، ئەگەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى يەنە ياخشى بولمىسا، ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.