كۈمۈش باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى پاۋىلنىڭ كەچتىكى نۇتۇق سۆزىنى ساقلاۋاتىدۇ

rabigul 2019-02-12 18:27:59

\

2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەنلىك بازاردا نەق مال كۈمۈش باھاسى 15.70 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ يېقىنقى مەزگىلدە كۈمۈشنىڭ يۈزلىنىشى بىر قەدەر كاسات بولۇپ، گەرچە ئاساسىي يۈزىنىڭ ئۈمىدۋار كەيپىياتى كۈمۈش باھاسىنى تىرەش كۈچى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن دوللارنىڭ كۈچىيىشى كۈمۈش باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىنى چەكلەپ قويغان ئەڭ چوڭ ئامىل. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى پاۋىلنىڭ نۇتۇق سۆزى، بۇ خەۋەر كەچلىك پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 01:45 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پاۋىل مىسسىسىپى يېزا رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆز قىلدى ھەمدە سوئالنى قوبۇل قىلىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە پۇل سىياسىتى توغرىسىدىكى باياناتىغا دىققەت قىلماقتا.

دۇنيا كۈمۈش جەمئىيىتىنىڭ(Silver Institute) مۆلچەرلىىشىچە ، بۇ يىلقى مۇھىت كۈمۈش باھاسىغا تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىدۇ. سانائەت ياساشنىڭ كۈمۈشكە بولغان ئېھتىياجى ئازراق ئاشتى. دۇنيا كۈمۈش جەمئىيىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل ئەسلىدىكى كۈمۈش مەھسۇلات مىقدارى % 2 تۆۋەنلەيدۇ.

بۇ ئاپپاراتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل كۈمۈش باھاسى ئۆرلەپ، ئوتتۇرچە باھاسى 16.75 دوللار ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن. بۇنى 2018-يىلدىكى سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا 7% يۇقىرى. ئېھتىياتچان پوزىتسىيىسىنى ساقلاۋاتقان پاي چېكى بازىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار قىممەتلىك مېتاللارغا مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە ئىزدەندى، شۇڭا كۈمۈش باھاسىمۇ پايدىغا ئېرىشتى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.