مەبلەغ سالغۇچىلار تەقەززا بولۋاتقان ئۇچۇر

zumrat 2019-02-12 18:35:34

\

سەيشەنبە 2-ئاينىڭ12-كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆرلەش ھالىتىنى كۆرسىتىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى چۈشۈش بوشلۇقىنى ئەسلىگە قايتۇردى، بىراق بىر قانچە سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىنى كۆرسىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا - جۇڭگو سودا سۆھبىتىنى كۈتۈۋاتىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەيدانى ئومۇمىي جەھەتتىن تەدرىجىي ئېھتىياتچانلىق ھالىتىگە ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار باھاسى يۇقىرى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى.

تەھلىلچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى ئېنىقسىز بولغانلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئىشىكنى تاقاش ئېھتىماللىقى ، ئالتۇن باھاسىنىڭ 1300دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بەردى، ئالتۇن باھاسى 1305دوللار بىلەن 1320دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بارىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا - جۇڭگو سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشىكنى تاقاش خەۋىرى، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.