ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تەسلىم بولدى

rabigul 2019-01-31 15:37:20

\

1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال كۈمۈش باھاسى كىچىك نىسبەتتە تۆۋەنلەپ، نۆۋەتتە 16 دوللاردىكى ئۆتكەلنىڭ يۇقىرىسىدىكى باھالارنى ساقلاپ قالدى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارى مەبلەغ سالغۇچىلارغا كۈچ ئاتا قىلدى. بۈگۈن جۇڭگو - ئامېرىكا سودا كېڭىشىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بازارنىڭ دىققتىدە بولىدۇ؛

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى، لېكىن FOMC باياناتىدا تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ ئۆسۈم قوشۇش پىكرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەۋپ-خەتەر تەڭپۇڭلۇقىغا بولغان ئېنىق كۆز قاراش چىقىرىۋېتىلدى؛ ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆسۈم قوشۇشتا داۋاملىق سەۋىرچان بولۇشنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، تارايتىش جەدۋىلىنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتىنى تاماملاشنى مۆلچەرلىدى.

ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى گويا تەسلىم بولغاندەك، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ئېھتىماللىقنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىلگىرىكى قاتتىق قوللار مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقتى، بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ قاتتىق قوللار مەيدانىدىن تەمكىن بولۇش مەيدانىغا بۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.