ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە نېمە تەسىر كۆرسەتتى

zumrat 2019-01-31 17:32:22

\

پەيشەنبە1-ئاينىڭ31-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ 1320دوللار ئەتراپدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئەڭ يېڭى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قارارىدا، مۆلچەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالدى، لېكىن ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىغا ۋە كەلگۈسىدىكى ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان كۆز قاراش ئېھتىياتچانلىق ھالىتىدە بولغاچقا، ئامېرىكا دوللىرى بېسىمغا ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن دوللار باھاسى چۈشۈپ ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىپادىسى ھەمدە ئامېرىكا سودا سۆھبىتى جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى.

يېقىنقى مەزگىلدە ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىنى كىشىنى خوشال قىلىدۇ، ئالتۇن باھاسى 8ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى يارىتىپ ئەڭ يۇقىرى 1323دوللار ئەتراپىغىچە چىققان. داڭلىق ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئوبزورچىسىCramerمۇنداق دەپ بىلدۈردى، بىز ھەربىرىمىز ئالتۇنغا قىزىقىمىز، ئالتۇن باھاسى 1300دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسىنىڭ كېيىنكى نىشانى 1400-1500ئەتراپىغا چىقىشى مۇمكىن.

جۇڭگو ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى 401.119توننا، ئۇدا 12 يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، 2017-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا مەھسۇلات مىقدارى 25.023توننا كېمىيىپ كەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.